شىمالىي كورېيە مەخپىي ھالدا يادورلۇق قورال يېقىلغۇلىرىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇردى

ئامېرىكا ئىستىخبارات تەشكىلاتى خادىمى شىمالىي كورېيەنىڭ ئالدىنقى ئايلاردا مەخپىي ھالدا يادورلۇق قورال يېقىلغۇلىرىنىڭ مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1003429
شىمالىي كورېيە مەخپىي ھالدا يادورلۇق قورال يېقىلغۇلىرىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئامېرىكىلىق 5 نەپەر مەسئۇل «NBC» قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا دېپلوماتىك مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىشى ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈلگەن تۇرۇغلۇق پىيوڭياڭ دائىرىلىرىنىڭ يادرو قورال ئۈچۈن قويۇقلاشتۇرۇلغان ئوران ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

«NBC» قانىلىنىڭ خەۋىرىدە، «ئامېرىكا ئىستىخباراتىنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، شىمالىي كورېيەنىڭ يوڭبىيوندىكى يادرو يېقىلغۇسى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىن باشقا يەنە بىر قانچىلىغان مەخپىي ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىمۇ بار» دېيىلدى

خەۋەردە ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ بىرسىنىڭ، «ئامېرىكىنى ئالداشقا ئۇرۇنغانلىقى ھەققىدە ھېچ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەلىل - پاكىتىمىز بار» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكىنىڭ مەركىزى ئىستىخبارات تەشكىلاتى «CİA» بۇ خەۋەرگە ھېچقانداق ئىنكاش قايتۇرمىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا، ئىستىخبارات مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار باياناتلارنى بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.  

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قارار ماقۇللاپ، شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن 12ئىيۇندا سىڭگاپوردا كۆرۈشكەن ئىدى. 

ئىككى رەھبەر كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ياردو قوراللاردىن پاكلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىشى ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالاشقان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر