« ئامېرىكا ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزەلمەيتتى، بىراق...»

ئىران نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى بىجېن نامدار ئامېرىكىنىڭ ئىران نېفىتىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1002418
« ئامېرىكا ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزەلمەيتتى، بىراق...»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى بىجېن نامدار زېڭگېنى ئىران كۈندە4 مىليون ۋارىل نېفىت ئېكسپورت قىلالىدىغان بولسا ئىدى، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

زېنگېنى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىران نېفىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنسىتىر ئىران نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ لايىھەلىرى كېچىكتۈرۈلمىگەن بولسا ئىدى، توتال (Total)شىركىتى بىلەن ھازىرغىچە 5 كېلىشىم ئىمزالىنىدىغانلىقىنى، بۇ كېلىشىم ئىمزالانغان تەقدىردە ئامېرىكىنىڭ ئىران نېفىتىگە ئېمبارگو قويۇش پىلانىنىڭ بىتچىت بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.  

بىجېن نامدار زېڭگېنى ئىران بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىدىن كېيىن ئىراننىڭ نېفىت سانائىتىگە زور مەبلەغ سالغان فىرانسىيەنىڭ ئېنېرگىيە شىركىتى توتالنىڭ  ئىراندىكى شىركەتلىرىگە ئامېرىكىنىڭ  ئېمبارگو قويۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: توتال ئىراندىكى مەبلەرنى ئېلىپ كەتكىنى يوق، بىراق بۇنى قارار قىلىش ئۈچۈن 35 كۈن قالدى، دېدى.

توتال شىركىتىنىڭ ئىراننىڭ جەنۇبىي پارس گاز نېفىت بازىسىغا ھازىرغىچە 60 مىليون دوللارلىق مەبلەغ سالغانلىقىنى ئېيتقان مىنىستىر بىجېن نامدار زېڭگېنى، فىرانسىيە شىركىتى مەبلەغلىرىنى توختاتسىمۇ  خىتاي نېفىت شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر