ياۋروپا تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار سىياسىتىگە يۇقىرى باھا بەردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇمىي ئىشلار كېڭىشى، تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار كىرىزىسىغا ئالاقىدار «ئىجابىي ھەمكارلىقى» نىڭ كونكرېت ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1000557
ياۋروپا تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار سىياسىتىگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇمىي ئىشلار كېڭىشى، تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار كىرىزىسىغا ئالاقىدار «ئىجابىي ھەمكارلىقى» نىڭ كونكرېت ئۈنۈم بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «كېڭەش، 3 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداپ كېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ مۇھىم تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەيدۇ» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇمىي ئىشلار كېڭىشى لىيۇكسېمبۇرگدا چاقىرىلغان يىغىنىدىن كېيىن، تۈركىيە، قاراداغ، سېربىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىدىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالى مۇھاكىمە قىلىنغان بىر پارچە خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ بىر نامزات دۆلەت شۇنداقلا ھالقىلىق بىر شېرىك ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، تۈركىيە ۋە غەربىي بالقان ئەللىرى بىلەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش بويىچە ئورنىتىلغان ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەپ ئۆتۈلدى؛ تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار كىرىزىسىغا ئالاقىدار «ئىجابىي ھەمكارلىقى» نىڭ كونكرېت ئۈنۈم بەرگەنلىكى قەيت قىلىنىپ، 18 – مارت ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە مۇساپىرلار كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى ئەسكەرتىلدى، شۇنداقلا مەزكۇر كېلىشىم سايىسىدا قانۇنسىز كۆچمەنلىك كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايغانلىقىغا، ئەگە دېڭىزىدىكى ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى.

«كېڭەش، 3 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداپ كېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ مۇھىم تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەيدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن دوكلاتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جەھەتتە تۈركىيەگە ماددىي ۋە تېخنىك ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بايان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر