كەركۈكتە 8 دائېشچى ئۆلتۈرۈلدى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە ئۈستىگە بومبا تېڭىۋالغان 8 دائېشچى ئۆلتۈرۈلدى.

978543
كەركۈكتە 8 دائېشچى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە دائېش تېررورچىلىرىغا قارىتىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 8 ئادەم بومبا ئۆلتۈرۈلدى، 4 ساقچى يارىلاندى.

كەركۈك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئەلى كەمال كەركۈكنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان رىياد ناھىيەسىگە يېقىن جايدا ساقچىلار بىلەن رايونغا يوشۇرۇنىۋالغان دائېش تېررورچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەلى كەمال توقۇنۇش ئەسناسىدا 1ى ئايال بولۇپ جەمئىي 8 ئادەم بومبىنىڭ ئۈستىگە تېڭىۋالغان بومبىلارنىڭ پارتلاپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكىنى، بىراق 4 ساقچىنىڭ پارتلاش ئەسناسىدا يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر