ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى پاراگۋاينى ئەيىبلىدى

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى پاراگۋاينىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇدۇسقا يۆتكىشىنى ئەيىبلىدى.

976348
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى پاراگۋاينى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇ غەيت يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پاراگۋاينىڭ ئەلچىخانىسىنى قۇدۇسقا يۆتكىشىنىڭ ئەرەب دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەھمەد ئەبۇ غەيت دۆلەتلەرنى سۈركىلىشنى كۈچەيتىدىغان ۋە ئادىل چارە تېپىش پۇرسىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىپ، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 17 – مايدا قوبۇل قىلغان ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرىنى قۇدۇسقا يۆتكىگەن دۆلەتلەرگە قارشى دىپلوماتىك ۋە سىياسىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش مەزمۇنىدىكى قارارىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

ئۇ باياناتىدا، «ئەخلاقىي جاۋابكارلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ھەرخىل بېسىم ۋە كۈشكۈرتۈشلەرگە باش ئەگكەن دۆلەتلەر، تارىخىي خاتانىڭ سېپىدە تۇرۇش يولىنى تاللىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر