تالىبان ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان قەندىھار ۋىلايىتىنىڭ ماروف ناھىيەسىدە تالىباننىڭ ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 5 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
966416
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەندىھار ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باياناتچىسى زىيا دۇرانى، تالىبان ئەزالىرىنىڭ ناھىيەدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا 5 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 9 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا تالىبان 15 ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 11 ىنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.
تالىبان تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بولسا، كۆپ ساندا ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.