ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىيۇل ئېيىدا ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 13 – ئىيۇل كۈنى ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

959972
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىيۇل ئېيىدا ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى بورىس جونسون ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 13 – ئىيۇل كۈنى ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپنىڭ زىيارىتىنىڭ ئاخىرىدا ئىشقا ئېشىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان جونسون، «ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشىمىز ۋە دوستىمىز ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ دۆلىتىمىزگە قىلىدىغان زىيارىتىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتىنىڭ خان سارىيى ئەنئەنىسىگە ئاساسلىنىدىغان «دۆلەت زىيارىتى» ئەمەس، ئەكسىچە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي بىلەن كۆرۈشۈشنى نىشان قىلىدىغان خىزمەت زىيارىتى بولۇشى كۈتۈلمەكتە.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي بۇلتۇر يانۋار ئېيىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا ترامپقا ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى 2 – ئېلىزابېتنىڭ رەسمىي تەكلىپىنى دونالد ترامپقا يەتكۈزگەن، ترامپمۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغانىدى.

بۇ تەكلىپ ئەنگلىيە جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان، ترامپنىڭ ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇشىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن كۆپ قېتىم نامايىش ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دونالد ترامپنىڭ ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇشىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن 2 مىليونغا يېقىن ئىمزاغا ئېرىشكەن ئىلتىماس پارلامېنتقا سۇنۇلغان، پارلامېنت باشلىقى جون بېركوۋ زىيارەت ئىشقا ئاشقان تەقدىردە، ترامپنى پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاب قىلىشقا تەكلىپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ترامپنىڭ بۇلتۇر ئىشقا ئېشىشى پىلانلانغان ئەنگلىيە زىيارىتى، نارازىلىقلار سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر