ئامېرىكىدىكى تۈركلەر بىلەن ئەزەربەيجانلىقلار نامايىش ئۆتكۈزدى

ئامېرىكىدىكى تۈركلەر بىلەن ئەزەربەيجانلىقلار ئەرمەنىلەرنىڭ ئاساسسىز قاراشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە نامايىش ئۆتكۈزدى.

958040
ئامېرىكىدىكى تۈركلەر بىلەن ئەزەربەيجانلىقلار نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم تۈرك ۋە ئەزەربەيجانلىقلار ئەرمەنىلەرنىڭ 1915-يىلدىكى ۋەقەلەر توغرۇلۇق ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان ئاساسسىز قاراشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مەقسىتىدە چىكاگو شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزدى.

«ئەرمەنى يالغانلىرىنى قەتئىي رەت قىلىمىز»دېگەن نام ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش مىچىگان كوچىسىدىكى تىربۇن مۇنارى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشقا قاتناشقانلار تۈركىيە، ئەزەربەيجان، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە ئامېرىكا بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋېلىشتى.

ئەرمەنىلەرنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئۆتكۈزگەن يىغىلىشىغىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن بۇ قېتىمقى نامايىشتا «ئەرمېنىيە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلماقتا، ئارخىپلىرىڭلارنى ئاشكارىلىيالماۋاتسىلەر چۈنكى ئارخىپلىرىڭلار يالغانغا تايىنىدۇ»دېگەن مەزمۇندا خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلار ئېسىلدى.

ئىستىقلال ۋە ئىزمىر مارشلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن نامايىشتا «تۈركىيە قۇدرەتلىك دۆلەتتۇر، يالغانچى ئەرمېنىيە، ئەرمەنىلەرنىڭ يالغان-ياۋىداق گەپلىرىنى ئاڭلىغۇمىز يوق»دېگەن مەزمۇندا شوئارلار توۋلاندى.

نامايىش ئەتراپتىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر