ئاقساراي ترامپنىڭ ئامېرىكا قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش قارارىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئاقساراي فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى سۈرىيەدىن چېكىنىش قارارىدىن ۋاز كەچتۈرگەنلىكى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.

952572
ئاقساراي ترامپنىڭ ئامېرىكا قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش قارارىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي پىرېزىدېنت ترامپنىڭ سۈرىيەدىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش تەلىپىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاقساراي باياناتچىسى سارا ساندېرس فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرمەسلىك توغرىسىدا قايىل قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«پىرېزىدېنتنىڭ ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چېكىنىش تەلىپى ناھايىتى ئېنىق.»

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى مەقسىتى ئۆزگەرمىدى، پىرېزىدېنتنىڭ ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چېكىنىش تەلىپى ناھايىتى ئېنىق. دائېشنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ۋە قايتا تىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشتە قەتئىي قارارغا ئىگىمىز.»

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى «BFM» ۋە «Mediapart» تېلېۋىزىيەسىدە نەق مەيدان پىروگراممىلىرىغا قاتناشقاندا، «پىرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بىز ئامېرىكالىقلارنى سۈرىيەدە قېلىشقا قايىل قىلدۇق» دەپ بايانات بېرىشى، ۋاشىنگتوندا بەس-مۇنازىرەلەرگە سەۋەب بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر