ئامېرىكا سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشنىڭ شەرتىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ئۈچ شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى.

952084
ئامېرىكا سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشنىڭ شەرتىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي (Nikki Haley) سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشنىڭ 3 شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھالېي مۇنداق دېدى: «سۈرىيەدە مۇنداق 3 ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارماي تۇرۇپ چېكىنمەيمىز، بىرىنچىسى سۈرىيەدە خىمىيۋى قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشىگە رۇخسەت قىلمايمىز ۋە بۇنى توسىمىز، ئىككىنچىسى دائېشنى تەلتۆكۈس يوق قىلمىز، ئۈچىنچىسى ئىراننىڭ رايونغا ھۆكۈمران بولۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى توسىمىز.»

نىككى ھالېي ئامېرىكىدىكى CBS تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئاستىدا ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن بىۋاستە مۇزاكىرە ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ھالېي، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي كۈچى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «مەقسىتىمىز ئەلۋەتتە سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىمىزنى قايتۇرۇپ كېلىشتۇر. بىراق سۈرىيەدە ئۈچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارماي تۇرۇپ ئەسكەرلىرىمىزنى چېكىندۈرۈپ چىقمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر