ئەنگلىيە سىسىنى تەبرىكلىدى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي سايلامدا ئۇتۇپ چىققان مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەلسىسىغا تېلېفون قىلىپ، خىزمىتىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى.

944924
ئەنگلىيە سىسىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە «10-نومۇرلۇق» باش ۋەزىرلىك ئىشخانىسى مېينىڭ سىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، باش ۋەزىر مېينىڭ سىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇنى تەبرىكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«مېي دېموكراتىك ئۆتكۈنچى يولىدا مىسىرنىڭ ئىلگىرىلەش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن پىرېزىدېنت سىسىنى تەبرىكلىدى.»

باياناتتا، مېينىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، مىسىرنىڭ مۇقىم، دېموكراتىك ۋە باياشاد دۆلەت بولۇپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«ئىككى رەھبەر، مىسىرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مائارىپ ساھەلىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلاھاتلارنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئىككى دۆلەتنىڭ داۋاملىق بىرلىكتە خىزمەت قىلالايدىغانلىقىنى ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى قانداق قوللىيالايدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلدى. پىرېزىدېنت سىسى ئەنگلىيەنىڭ بۇ ساھەلەردىكى تەجرىبىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەشكەنلىكى بىلەن، مىسىرغا يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان پايدىلىق تەرەپلىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى. رەھبەرلەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاقەتسىزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.»

مىسىردا 23 مىليون سايلىغۇچى قاتناشقان بۇ قېتىمىقى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، سىسى %92 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئىككىنچى نۆۋەت پىرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر