ئىسرائىلىيە غەلىتە باھانىلەر بىلەن ئۆزىنى ئاقلىماقتا

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى تىنچ نامايىش ئۆتكۈزگەن پەلەستىنلىكلەرنى ھاماسنىڭ ئەزالىرى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا.

941913
ئىسرائىلىيە غەلىتە باھانىلەر بىلەن ئۆزىنى ئاقلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان ئىشغالىيىتى ۋە قورشاۋى ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا قاراشلىق غەززەدە، جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا قاتتىق مۇداخىلە قىلىپ، 17 پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلغان ۋە يۈزلىگەن پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى غەلىتە باھانىلەر بىلەن ئاقلىدى.

نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنىڭ خېمىرسىز بايرىمىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ئەسكەرلەرگە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېيىلدى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمانمۇ غەززەدە نامايىشچىلارنىڭ شېھىت قىلىنىشىغا ئالاقىدار تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ چىقىش تەلەپلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

لىبېرمان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ چىقىش تەلىپىدە بۇلغانلارنى چۈشەنمىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «ھاماسنىڭ تۈنۈگۈن مۇزىكا فېستىۋالى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە بىزنىڭ ئونلارچە گۈل تارقىتىشىمىز كېرەكلىكىنى ئويلاۋاتقانلار بولسا كېرەك» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

تىنچ نامايىش ئۆتكۈزگەن پەلەستىنلىكلەرنى ھاماسنىڭ ئەزالىرى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان لىبېرمان باياناتىدا يەنە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتىغا تەۋە پائالىيەتچىلەرنى توسۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسرائىلىيەدىكى سولچىلىق ئېقىمىغا تەۋە ئۆكتىچى مېرېتىز پارتىيەسى باشلىقى تامار زاندبېرگ بولسا، غەززەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە دەرھال تەكشۈرۈش كومىتېتى قورۇلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

زاندبېرگ ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، پەلەستىنلىكلەرنىڭ جۈمە كۈنى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىنىڭ راست ئوق بىلەن ئۆلگەنلىكى ۋە يۈزلىگەن كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ھەمدە قورالسىز نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەرەلەر كېلىۋاتقانلىقى ۋە نامايىشچىلارنىڭ ئارىقىدىن ئوققا تۇتۇلغان كۆرۈنۈشلەرنىڭمۇ بارلىقىنى تەكىتلەپ، پارتىيەسىنىڭ دەرھال تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇشقا دائىر تەلىپىنى ھۆكۈمەتكە سۇنغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر