خىتاي ئامېرىكىغا تەيۋەن سەۋەبىدىن نوتا بەردى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تەيۋەن قارارى سەۋەبىدىن ئامېرىكىغا نوتا بەردى.

932016
خىتاي ئامېرىكىغا  تەيۋەن سەۋەبىدىن نوتا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى قارار قىلىشى سەۋەبىدىن ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىگە نوتا بەردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ يازما بايانات بېرىپ، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى قارار قىلىشىغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكلىرىنى، ترامپنىڭ تەيۋەن قارارى سەۋەبىدىن ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىگە نوتا بەرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ترامپنىڭ قارارىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي كۈچى يوقلىقىنى، ھەتتا مەزكۇر قارارنىڭ «بىر خىتاي»پىرىنسىپىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن باياناتچى، بۇ قارارنىڭ تەيۋەندىكى مۇستەقىللىقنى ياقلىغۇچىلارغا «خاتا سىگنال بېرىپ قويىدىغانلىقىنى»ئېيتتى.

باياناتچى لۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىشكە، تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىدۇ»دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ تەيۋەن مەسلىسىگە ئالاھىدە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا زىيان سېلىشتىن ساقلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن جۈمە ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئارىسىدا ئۆز-ئارا زىيارەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ۋە تەيۋەنلىك مەسئۇللارنى ئامېرىكىنى «مەلۇم شارائىت ئاستىدا»زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قارارنامىنى ئىمزالىغانىدى.

خىتايدا 1949-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا ماۋ زېدۇڭنىڭ كېلىشى بىلەن، بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەزالىرى تەيۋەنگە قېچىپ  تەيۋەندە مىللەتچى خىتاي دۆلىتى دېگەن نام ئاستىدا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغانىدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى «بىر خىتاي»پىرىنسىپىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارادا خىتاي دۆلىتىگە ئۆزىنىلا ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن  تەيۋەن مۇستەقىللىقنى جاكارلىغان تەقدىردە بۇ رايونغا ھەربىي قىسىم ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر