ساددام ئائىلىسى ۋە سابىق تۈزۈم ئەمەلدارلىرىغا ئالاقىدار قارارغا قايتا قاراپ چىقىلىشى تەلەپ قىلىندى

ئىراق پارلامېنتى باشلىقى سەلىم ئەلجەبۇرى، ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئادالەت ۋە تەكشۈرۈش كومىتېتىنى ساددام ھۇسەيىن ئائىلىسى ۋە سابىق تۈزۈم ئەمەلدارلىرىغا ئالاقىدار قارارىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردى.

928534
ساددام ئائىلىسى ۋە سابىق تۈزۈم ئەمەلدارلىرىغا ئالاقىدار قارارغا قايتا قاراپ چىقىلىشى تەلەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق پارلامېنتى باشلىقى سەلىم ئەلجەبۇرى، ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئادالەت ۋە تەكشۈرۈش كومىتېتىنى ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر ساددام ھۇسەيىننىڭ ئائىلىسى ۋە سابىق تۈزۈم ئەمەلدارلىرىنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى مۇسادىر قىلىش توغرىسىدىكى قارارىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردى.

ئىراق پارلامېنتى باشلىقى سەلىم ئەلجەبۇرى ئادالەت ۋە تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇچرىشىشتا، يېقىندا ئىسىملىرى «مال – مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنىدىغانلار» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئۆزىنىڭ، باشقۇرۇش، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ۋە خەلقنىڭ تەكلىپلىرى ۋە ئېتىرازلىرىنىڭ نەزەرگە ئېلىنىشى، بۇنىڭغا ئاساسەن ئىسىم تىزىملىكىنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىراق ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى ئادالەت ۋە تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئۆتكەن ھەپتە ساددام ئائىلىسى بىلەن سابىق تۈزۈم ئەمەلدارلىرىنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، 4257 كىشىنىڭ ئىسمى ئورۇن ئالغان بىر تىزىملىكنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر