بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى شەرقىي غۇتەگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلدى
سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى قورشاۋ ئاستىدىكى شەرقىي غۇتەدە قۇرۇقلۇقتىن ھەرىكەت باشلاپ رايوننى ئىككىگە ئايرىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 3-مارت بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارىغا بويسۇنماستىن، رۇسىيە ھاۋا قىسىملىرىنىڭ ياردىمىدە شەرقىي غۇتەگە قۇرۇقلۇقتىن ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.
بەششار ئەسەد قىسىملىرى شەرقتىن غەربكە قاراپ ئىلگىرىلىدى ۋە شەرقىي غۇتەنىڭ ئىككى تەرىپىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان مەديەرەنى قولغا كىرگۈزۈپ، ھارەستا ناھىيەسىگە يېتىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى شەرقىي غۇتەنى ئىككىگە ئايرىۋەتكەن بولدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارلىرىغا بويسۇنماستىن ئاھالىلەر رايونىغا ھۇجۇم قىلىشنى توختاتمىدى. ھۇجۇملاردا 17 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
سۈرىيە پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ 19-فېۋرالدىن 10-مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي غۇتەگە قۇرۇقلۇق ھەمدە ھاۋادىن قىلغان ھۇجۇملىرىدا، 892 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان. ئاخىرقى ھۇجۇملارنى قوشقاندا يېقىنقى ئۈچ ھەپتىدە جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ سانى 925 كە يەتكەن.