ئامېرىكا تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

ۋاشىنگتون ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىخانىسى نىشان قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى.

924437
ئامېرىكا تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېسېر ناۋېرت بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىخانىسى نىشان قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «باش ئەلچىخانىمىز تۈنۈگۈن تاقاق ئىدى. بۈگۈن تامامەن ئېچىلىدۇ. تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئالاقىدار ئاخباراتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئالغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە، ساقچىلىرىغا ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە رەھمەت ئېيتىمىز.»

ناۋېرت مۇخبىرلارنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بەزى شەخسلەرنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا قارىتا سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە: «ئەگەر بۇ ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش باسقۇچى ئۈچۈن زۆرۈر بولسا ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولسا، تۈركىيە دائىرىلىرىگە رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى.

ئەنقەرە ۋالىي مەھكىمىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى ۋە پۇقرالىرى تۇرۇۋاتقان جايلاردا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىغا ئالاقىدار ئامېرىكا مەنبەلىرىدىن كەلگەن ئاخباراتلارنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا تەشەببۇس قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىراق پۇقراسى ۋە دائېش ئەزاسى 4 كىشى قولغا ئېلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر