جەنۇبىي سۇداننىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا سۇنغان ئەزالىق ئىلتىماسى بۈگۈن مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى مەركىزى قاھىرەگە جايلاشقان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇندى.

924398
جەنۇبىي سۇداننىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا سۇنغان ئەزالىق ئىلتىماسى بۈگۈن مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا سۇنغان ئەزالىق ئىلتىماسى، ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بۈگۈن چاقىرىلىدىغان 149 – نۆۋەتلىك يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى بۇ ھەقتە ھازىرچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى، ئەمما، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، جەنۇبىي سۇداننىڭ ئىتتىپاققا ئەزا بولۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان ھېچقانداق ئامىلنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنىڭ شەرتلىرى ئارىسىدا «ئەزا بولىدىغان دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ئەرەبچىنىڭ رەسمىي تىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنىڭ يېزىلغان بولۇشى» كېرەكلىكى قەيت قىلىنىدۇ. نۆۋەتتە ئىنگلىز تىلىنى رەسمىي تىل قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان جەنۇبىي سۇنداننىڭ ئەرەبچىسى جۇبا ئەرەبچىسى، دەپ ئاتىلىدۇ.

جەنۇبىي سۇدان پىرېزىدېنتى سالۋا كىئىر ماياردىت 2016 – يىلىدىكى بىر قېتىملىق نۇتقىدا، ئەرەبلەرنىڭ جەنۇبىي سۇداننىڭ ئەزالىققا ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر