مۇئېللېر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزدى

روبېرت مۇئېللېر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئامېرىكىنىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا پۇل يوللىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىمۇ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

923875
مۇئېللېر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2016 – يىلى نويابىردىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا مۇداخىلە قىلغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدىن كېيىن تۇرغۇزۇلغان دېلونى تەكشۈرۈۋاتقان ئالاھىدە ھوقۇقلۇق مۇپەتتىش روبېرت مۇئېللېر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سايلامغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا پۇل يوللىغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنىمۇ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مۇئېللېر تەرىپىدىن دېلو دائىرىسىدە تەكشۈرۈش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تۇنجى كىشى ئەسلى لىۋانلىق ئامېرىكا پۇقراسى جورج نادىر ئىكەن؛ ئامېرىكا تاراتقۇلىرى، نادىرنىڭ دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاقسارايغا قاتراپ، ترامپنىڭ سابىق باش مەسلىھەتچىسى ستېۋ بانون ۋە نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مەسلىھەتچىسى شۇنداقلا كىيئوغلى كۇشنىېر بىلەن قايتا – قايتا كۆرۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى، ترامپنىڭ سايلام سەپەرلىك خىزمەتلىرىگە زور مىقداردا ماددىي ياردەم توپلاش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان، شۇنداقلا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە سالغان مەبلىغى بىلەن نام قازانغان ئېللىئوت بروئىدينىڭ جورج نادېرغا ئاقسارايدىكى بەزى مەخپىي ئۇچرىشىشلارنىڭ خاتىرىلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ترامپنىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى باشچىلىقىدىكى بەزى پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن قاتار ئارىسىدا يۈز بەرگەن كىرىزىس جەرياندا، قاتارنى «تېررورنى قوللاش» بىلەن ئەيىبلىشى دىققەتنى تارتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر