شىمالىي كورېيە ترامپنىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

922312
شىمالىي كورېيە ترامپنىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «پىيوڭياڭ ھاكىمىيىتى بىلەن پەقەت مۇۋاپىق شارائىت ئاستىدىلا مۇزاكىرە ئۆتكۈزىمىز»دېگەن باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا شىمالىي كورېيە بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە شەرت قويىدىغان تەقدىردە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شىمالىي كوريېە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتى بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈش بەدىلىگە يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىدىن ۋاز كېچىش نىيىتىنىڭ يوقلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن باياناتتا مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «مەسىلىنىڭ تىنچ ۋە دىپلوماتىك ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىشىنى خالايمىز، لېكىن دىيالوگ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يالۋۇرۇپ ئولتۇرمايمىز، ئامېرىكا داۋاملىق كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان ھەربىي چارىدىن قورقۇپمۇ قالمايمىز.»

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «ترامپنىڭ دىيالوگ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن شەرت قويۇشى ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن ئەسلىدىنلا دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر