گېرمانىيە ئېغىر تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

گېرمانىيەدىكى دۆلەت ئورۇنلىرىنىڭ سىستېمىلىرى ئېغىر تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

920396
گېرمانىيە ئېغىر تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

+ تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ «‹ DPA› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ بىخەتەرلىك مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، « APT 28» ناملىق خاككېرلار گۇرۇپپىسى ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سىستېمىلىرىغا مەخپىي ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر ئورۇنلار بۇنىڭدىن بۇلۇر دېكابىر ئېيىدا  خەۋەر تاپقان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى خاككېرلارنىڭ بىر قىسمى رۇسىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى شەخسلەرگە يېقىن كىشىلەردىن دەپ پەرەز قىلىنىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ گۇرۇپپا 2015 – يىلىمۇ فېدېرال مەجلىسنىڭ سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلغان ئىكەن.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ گېرمانىيەنىڭ ئىنتېرنېت تور سىستېمىسىنىڭ تېخنىكىلىق قۇرۇلمىسى بىلەن دۆلەتنىڭ ئىنتېرنېت تور سىستېمىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە تور ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇلغان بولۇپ، تور ھۇجۇمى جەريانىدا قانچىلىق ماتېرىياللارنىڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

ئالاقىدار تارماقلار ھۇجۇم گۇماندارى دەپ قارىلىۋاتقان رۇس خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىمۇ نىشان قىلغان بولۇش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر