ئەسەد قىسىملىرىنىڭ شەرقىي غۇتەدىكى قىرغىنچىلىقى داۋاملاشماقتا
سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن قورشاۋى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، 37 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
917379
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلق ئولتۇراق رايونلىرىدىن دۇمادا 15 كىشى، شىفونىيە ۋە ئاباددەدە 10 كىشى، كەفەر باتنادا 3 كىشى، ئايىن تەرما، زەمەلكا ۋە خامۇرىيەدە 6 كىشى، ھارەستە ساقبا، مەديەرە ۋە مەجدە 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
شىددەتلىك ھۇجۇملار داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا ئادەم ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.
شەرقىي غۇتەدىكى پۇقرالارنى مۇداپىئە قىلىش ئەترىتى مەركىزىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ يېقىنقى 5 كۈندىن بۇيانقى شىددەتلىك ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن جەمئىي 357 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئەسەد قىسىملىرى يېقىنقى 5 كۈندىن بۇيان 22 سەھىيە مەكىزىنى، بىر جامىنى ۋە بىر يېتىمخانىنى بومباردىمان قىلغان.