ترامپنىڭ 6 مۇسۇلمان دۆلەتكە قويغان ساياھەت چەكلىمىسى سوت مەھكىمىسىگە تاقالدى

ۋىرگىنىيە فېدېرال نارازىلىق ئەرزى سوتى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سېنتەبىردە ئېلان قىلغان ۋە 6 سى مۇسۇلمان بولۇپ، 8 دۆلەتكە قويغان ساياھەت چەكلىمىسىنى «ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ» دەپ ھۆكۈم قىلدى.

911783
ترامپنىڭ 6 مۇسۇلمان دۆلەتكە قويغان ساياھەت چەكلىمىسى سوت مەھكىمىسىگە تاقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نارازىلىق ئەرزى سوتى ترامپنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمان 6 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا قويغان ساياھەت چەكلىمىسىنى «ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ» ۋە «ئىسلامنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزۈشكە ئۇرۇنۇش» دەپ ھۆكۈم قىلغان.

باش سوتچى روگېر گرېگورى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا،  ترامپنىڭ ھەم رەسمىي باياناتلىرىدا ھەم ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىلىرىدە مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلغان سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن.

ئامېرىكا پۇقراۋى ئەركىنلىكلەر بىرلىكىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 4 كە قارشى 9 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان قارارنىڭ ناھايىتى ئىجابىي قارشى ئېلىنغانلىقىنى، بۇ ھۆكۈمنىڭ باشقا سوت مەھكىمىلىرى ئۈچۈنمۇ ئۈلگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرى بىلدۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر