ئىراننىڭ دىنى رەھبىرىنىڭ «ئۆلگەنلىكى»توغرىسىدا خەۋەر تارقالدى

ئىراننىڭ ھازىرقى دىنى رەھبىرى ھامانېينىڭ «ئۆلگەنلىكى»توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالدى.

908676
ئىراننىڭ دىنى رەھبىرىنىڭ «ئۆلگەنلىكى»توغرىسىدا خەۋەر تارقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىنقىلابىنىڭ 39-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە دىنى رەھبەر ئەلى ھامانېينىڭ قاتناشماسلىقى، ئۇنىڭ «ئۆلگەنلىكى»توغرىسىدا خەۋەر تارقىلىشىغا سەۋەب بولدى.

پايتەخت تېھراننىڭ ئازادى مەيدانىدا ئىران  ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ 39-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىمۇ قاتناشقان مۇراسىمدا خەلق قوللىرىغا ئىران بايراقلىرى، ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئايەتۇللاھ ھۇمەينى ۋە ھازىرقى دىنى رەھبەر ھامانېينىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ شوئارلار توۋلاشتى.

لېكىن ھامانېي توغرىسىدا تارقالغان خەۋەرلەر مۇراسىمدا سوغۇق كەيپىيات پەيدا قىلدى.

ھامانېينىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن بىر نەچچە كۈندىن بۇيان سىرتقا چىقالماسلىقى ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولدى.

ھەر يىلى ئىران پىرېزىدېنتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ كەلگەن ھامانېينىڭ بۇ يىلقى مۇرسىمغا قاتناشماسلىقى ئۇ توغرىسىدا پەيدا بولغان خەۋەلەرنىڭ توغرىلىقىنى تېخىمۇ قۇۋەتلەندۈردى.

ھەتتا گېزىتلەردىمۇ ھامانېينىڭ ئۆلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالدى.

دىنى رەھبەرنىڭ ئۆلگەنلىكى توغرىسىدا ھازىرغىچە رەسمىي بايانات بېرىلمىدى، تاراتقۇلار بولسا ھامانېينىڭ ئۈچەي راكى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر