رۇسىيەنىڭ ھاۋا بومباردىمانى ئىدلىبتا 10 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىدلىب شەھىرىنىڭ مائارتىنۇمان ناھىيەسىنى رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە، 10 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 20 ئادەم يارىلاندى.

906064
رۇسىيەنىڭ ھاۋا بومباردىمانى ئىدلىبتا 10 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلىب پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى مۇستافا ھاجىيۇسۇف ئىدلىبتا ھاۋا بومباردىمانىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھاجىيۇسۇف: «رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈنۈگۈن (7-فېۋرال كېچىدە مائارتىنۇماندىكى ھاۋا بومباردىمانىدا 10 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، 20 پۇقرا يارىلاندى» دېدى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ ئايروپىلان كۆزىتىش ئۆيىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئەبۇ باھىر: «رۇسىيە ئايروپىلان بىلەن ھاۋادىن بومباردىمان قىلىشتىن باشقا، ئاقدېڭىزدىكى ھەربىي پاراخوتلىرىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ ھۇجۇم قىلماقتا» دېدى.

ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان قاتتىق ھاۋە بومباردىمانلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن ئايدىكى ھۇجۇملاردىلا 211 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان، 1447 پۇقرا يارىلانغان.

تۈركىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئىدلىب 2017-يىلى 4-5-ماي كۈنلىرى قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئېچىلغان يىغىندا، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران تەرىپىدىن «جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر