ئىبادى: ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ئىراقتىن چېكىنىشى توغرۇلۇق پىلانلىرىمىز بار

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تازىلانغاندىن كېيىن دۆلىتىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ تەدرىجىي ھالدا چېكىنىشى توغرۇلۇق پىلانلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

905549
ئىبادى: ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ئىراقتىن چېكىنىشى توغرۇلۇق پىلانلىرىمىز بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبادى پايتەخت باغدادتا مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىغا ئالاقىدار دەۋالار توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ئىراققا كېلىپ دائېشقا قارشى ئۇرۇشقا ياردەم بېرىشى نۇرى ئەلمالىكى باش مىنىستىرلىقىدىكى سابىق ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپى ئىدى. بىزمۇ بۇنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئايلاندۇردۇق. ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ دائېش تازىلانغاندىن كېيىن ئىراقتىن تەدرىجىي ھالدا چېكىنىشى ۋە سانىنىڭ ئازايتىلىشىغا ئالاقىدار پىلانلىرىمىز بار. تېررورچى گۇرۇپپىلارنى ساھەدە يەڭدۇق، ئەمما سۈرىيە چېگراسىدىكى رايونلىرىمىزنى قوغداۋاتقان بولۇشىمىزغا قارىماي بىزگە قارىتا تەھدىت داۋاملاشماقتا.»

تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ ھاۋا ياردىمىگە ئېھتىياجلىرى بارلىقىنى ئېيتقان ئىبادى، ئىراقنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسىدە كۇۋەيتتە كونفېرانس ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، تۈركىيە، ئىران، كۇۋەيت، ئىيوردانىيە، مىسىر ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغانلىقلىرىنى، بۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراقتا شىئە قوراللىق كۈچلىرى «ئىراقتىكى ھىزبۇللاھ كۈچلىرى» نىڭ ھەربىي باياناتچىسى جەفەر ئەلھۈسەينى بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئىراقتىكى ئامېرىكا كۈچلىرىگە قارشى ئۇرۇشنىڭ ھەر ۋاقىت باشلىنىش ئېھتىماللىقى بار. بۇ قېتىم ھېچقانداق مۇرەسسەچىلىك ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىشىغا يارىمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر