ئامېرىكلىق قوماندانلار تويۇقسىزلا راققەدە زىيارەتتە بولدى

ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئاگېنتلىقى باشلىقى مارك گرېن ۋە ئامېرىكا مەركىزىي كۈچلەر قوماندانى جوسېف ۋوتېل تۈنۈگۈن تويۇقسىزلا راققەدە زىيارەتتە بولدى.

895064
ئامېرىكلىق قوماندانلار تويۇقسىزلا راققەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گرېن ۋە ۋوتىلنىڭ 7 سائەت داۋاملاشقان  زىيارىتى توغرىسىدا بايانات بەرگەن مارك گرېن، زىيارەت مۇددىئالىرىنىڭ شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئەمەس، شەھەرنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

گرېن يەنە، راققەدە توك ۋە سۇ دېگەندەك ئاساسلىق ئېھتىياجلارنى قايتىدىن قامداشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ۋوتېل بىلەن گرېن، دائېش ئادەم ئۆلتۈرۈشتە ئىشلەتكەن راققەدىكى تەنتەربىيە زالىنى كۆزدىن كەچۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر