خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

فىرانسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فرانچوئىس دېلاترې، دۆلىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە چېگرالىرىغا ئالاقىدار ئەندىشىلىرىنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

894956
خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىن چاقىرىپ، سۈرىيەدىكى ئىنسانىي ۋەزىيەت توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

فىرانسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى دېلاترې كېڭەشنىڭ يېپىق يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ب د ت نىڭ ئىنسانىي مەسىلىلەرگە مەسئۇل باش كاتىپ ياردەمچىسى مارك لوۋكوكنىڭ سۈرىيە زىيارىتى ۋە ئۇ يەردىكى ئىنسانىي شارائىتى توغرىسىدا، ب د ت نىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل باش كاتىپ ياردەمچىسى جېفرىي فېلتماننىڭ سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار توغرىسىدا ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، يىغىندا شەرقىي غۇتە ۋە ئىدلىبتا يۈز بەرگەن ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى پەيدا قىلغان ئىنسانىي تىراگېدىيەدىن، ئىدلىبنىڭ ھاكىمىيەت كۈچلىرى تەرىپىدىن قالايمىقان بومباردىمان قىلىنىشىدىن ۋە شەرقىي غۇتەنىڭ مۇھاسىرە ئاستىدا تۇرۇشىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

دېلاترې سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ھەلەبتە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ شەرقىي غۇتەدىمۇ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك. شەرقىي غۇتە ۋە ئىدلىبتا يۈز بەرگەن ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ جاۋابكارى ھاكىمىيەتتۇر» دېدى.

يىغىندا ئافرىندىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭمۇ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن دېلاترې، «فىرانسىيە، تۈركىيەنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە چېگرالىرىغا ئالاقىدار ئەندىشىلىرىنى توغرا چۈشىنىدۇ» دېدى.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يانۋار ئېيى مۇۋەققەت باشلىقى قازاقىستاننىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى كايرات ئۇماروۋمۇ، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشلارغا تەسىر كۆرسىتىپ – كۆرسەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، ۋىيېننا ۋە (رۇسىيەنىڭ) سوچى شەھىرىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ پىلانىدا بىر ئۆزگىرىش يوق، دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر