سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەن خەلقىگە يېقىندىن ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەل-جۇبەير يەمەن خەلقىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

893973
سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەن خەلقىگە يېقىندىن ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەل-جۇبەير خەلقئارا ئىتتىپاقداش بىرلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەمەن خەلقىنى قوللاش مەقسىتىدە زور خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلغان جۇبەير،  ياردەم شەكلىنىڭ ب د ت ۋە يەمەندە ياردەم پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش تەرىقىسىدە بولىدىغانلىقىنى  ئەسكەرتىپ، يەمەنگە قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن كىرگىلى بولىدىغان يېڭى ئېغىزلارنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر جۇبەير سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يەمەندە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلغاندىن بۇيان يەمەن خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە  ئىقتىسادىي جەھەتتىن 10 مىليارد 200 مىليون دوللار ياردەم قىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

شىئە ھۇسىيلارنىڭ يەمەنگە قىلىنىۋاتقان ياردەم خىزمەتلىرىگە توسالغۇ بولغانلىقىنى ئېيتقان جۇبەير،  ياردەم ئەترەتلىرى، ياردەم پاراخوتلىرى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئېلىپ ماڭغان يۈك ماشىنىلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغانلىقىنى، ھەتتا ياردەم ئەترەتلىرىدىكى خادىملارنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن سىرت، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شارقۇلېۋسات گېزىتىدە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقداش بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يەمەنگە يەنە 1 مىليارد 500 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر