ئامېرىكىنىڭ يېڭى سۈرىيە ئىستىراتېگىيەسى بۈگۈن ئېلان قىلىنىدۇ

ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە مەسسىلىسىگە ئالاقىدار يېڭى ئىستىراتېگىيەسى بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان بولدى.

890416
ئامېرىكىنىڭ يېڭى سۈرىيە ئىستىراتېگىيەسى بۈگۈن ئېلان قىلىنىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېسون سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات ئورگىنى ھوۋېر ئىنسىتېتۇتىدا ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ئىستىراتېگىيەسى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ئاق سارايدىكى دۆلەت خەۋپسىلىك كېڭىشى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ ئىستىراتېگىيە ھەققىدىكى نۇتۇقنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن بولغان كۈرەش ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلىشىش باشقۇچىغىغا كېلىپ قالغان ئەمدىكى ۋەزىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيەدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش باسقۇچى سىتىراتگىيەسىنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىغا دائىر مۇھىم يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 

رېكىس تىللېرسوننىڭ سۈرىيە ھەققىدىكى بۇ مۇھىم نۇتىقىدا ئامېرىكىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا يېڭى ئىسىم قويۇش تاكتېكىسىنى ئىشلىتىشىمۇ مۆلچەرلەردىن ئۇزاق ئەمەس.

تۈركىيەنىڭ يېقىندىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيەلىك نارازىلىقلىرىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ئاخىرىقى شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن بۇ نۇتۇقنىڭ بىر قىسىمىنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بارلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار ۋەكىللىك قىلىدىغان شەكىلدە بىر فورمۇلا ئاساسىدا قايتىدىن يېزىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. 

تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مەسلىسى كۈچ تەڭپۇڭلىقىدا قانچىلىك ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئورتاق ئىكەنلىكىمۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئېلان قىلىدىغان سۈرىيە ئىستىراتېگىيەسىدە كۈنتەرتىپ تېمىلىرىدىن بىرسى بولىدۇ. 

بىراق ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ تۇنۇقنىڭ تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتىدىن ھېس قىلىۋاتقان ئەندىشلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىۋېتىش ئېھتىمالى بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر