«ئەرەب قوزغىلىڭىنىڭ بۆشۈكى بولغان»تۇنىسنىڭ ۋەزىيىتى يەنە كەسكىنلەشتى

«ئەرەب قوزغىلىڭىنىڭ بۆشۈكى بولغان»تۇنىسنىڭ ۋەزىيىتى بۇ قېتىم خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى سەۋەبىدىن جىددىيلىشىپ كەتتى.

885628
«ئەرەب قوزغىلىڭىنىڭ بۆشۈكى بولغان»تۇنىسنىڭ ۋەزىيىتى يەنە  كەسكىنلەشتى

«ئەرەب قوزغىلىڭىنىڭ بۆشۈكى بولغان»تۇنىسنىڭ ۋەزىيىتى بۇ قېتىم خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى سەۋەبىدىن جىددىيلىشىپ كەتتى.

2018-يىلدىكى خامچوت پىلانىدا ئىجتىمائىي ياردەملەرگە ئاز پۇل ئاجرىتىلىشى، باج ۋە نېفىت بولۇپ نۇرغۇن تاۋارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە قارىتا باشلىغان نامايىشلار كۈندىن-كۈندىن ئۇلغايماقتا.

باش مىنىستىر يۇسۇپ شاھىدنىڭ ساقچى قىسىملىرىغا نامايىشچىلارنى باستۇرۇش بۇيرۇقى بېرىشى  نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردا 1 نامايىشچى ئۆلدى، 49 ساقچى بولۇپ نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى، 206 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

پايتەختكە 30 كىلومېتىر كېلىدىغان تەبۇربادىكى نامايىشلارغا ساقچىلارنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە 45 ياشلىق ھومسى يەپرنى جېنىدىن ئايرىلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى نەپەس يېتىشمەسلىك كېسىلى بولغان يەپرىننىڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ تەسىرىدىن ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پەيرىنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد ئاكىسىنىڭ  بۇنداق كېسىلىنىڭ يوقلىقىنى، نامايىش ئەسناسىدا ئاكىسىغا ماشىنا سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.  

تەبۇربادا نامايىشلار ۋە توقۇنۇشلار سەيشەنبە كۈنى كېچىدىمۇ داۋملاشتى.

رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى تاب، قاسسارىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ئەسكەرلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تەخمىنەن 20دەك شەھەردە نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكتە.

يوللارغا توساق قۇرۇپ چاقلارنى كۆيدۈرگەن نامايىشچىلار ساقچىلارغا ياغ بوتۇلكىلىرى ۋە تاش ئاتتى.

تۇنىستا بەزى بانكا، دۇكان ۋە ساقچى پونكىتىلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندى.

نامايىش ئەسناسىدا جەربە ئارىلىدا ياشاۋاتقان يەھۇدىيلارغا تەۋە مەكتەپ ۋە ئىبادەتخانىلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۇنىستا سولچىللاردىن تەشكىل تاپقان خەلق پارتىيەسى خەلقنى نامايىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى.

«نامايىشلارنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بارىمىز، قاچان ئادىل مالىيە قانۇنى يولغا قويۇلسا شۇ ۋاقتىدا نامايىشنى توختىتىمىز»دېگەن خەلق پارتىيەسى باشلىقى ھامما ھاممانى ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىلەن يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر