ئەنگلىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى بىلدۈردى
ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرققە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ئالىستايېر بۇرت تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى بىلدۈردى.
![ئەنگلىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى بىلدۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/035c/3d0e/125c/5a55c25be7bd5.png?time=1719119126)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرققە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ئالىستايېر بۇرت بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئالىستايېر بۇرت ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئالاقە كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ئۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پ ي د نى پ ك ك بىلەن بولغان مۇناسىۋەتىنى ئۈزۈشكە چاقىرىمىز.»
پ ك ك بىلەن پ ي د ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىگە مەلۇملۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان مىنسىتىر بۇرت، پ ك ك بىلەن پ ي د ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تولىمۇ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
تۈركىيەنىڭ پ ك ك -پ ي د مۇناسىۋەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بۇرت، ئەنگلىيەنىڭ پ ك ك بىلەن پ ي د غا قورال-ياراغ ئەۋەتمىگەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.