چاۋۇشئوغلۇ باغدادتا زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 21 – يانۋار ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

885438
چاۋۇشئوغلۇ باغدادتا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 2017 – يىلى 25 – سېنتەبىر كۈنى قانۇنسىز ھالدا رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈشىدىن كېيىن يىرىكلىشىپ كەتكەن باغداد – ئەربىل مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالغاندا، ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن رايونلۇق ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشى مەسىلىسىدە تۈركىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەم باغداد ھەم ئەربىل تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولى ئوينىشىنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ دائىرىدە 21 – يانۋار باغدادتا زىيارەتتە بولىمىز، ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە – ئىراق مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، باغداد – ئەربىل مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىلىقمۇ سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇچرىشىشلاردا، رايوننىڭ نۆۋەتىكى ۋەزىيىتى توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر