پاكىستاندا تېررورلۇق ۋەقەلىرى ئازايدى

پاكىستان تىنچلىق تەتقىقاتلىرى ئىنىستېتۇتى پاكىستاندا تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

883829
پاكىستاندا تېررورلۇق ۋەقەلىرى ئازايدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تىنچلىق تەتقىقاتلىرى ئىنىستېتۇتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان « پاكىستاننىڭ 2017-يىلدىكى بىخەتەرلىك ئەھۋالى» ناملىق دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر تېررورلۇق ۋەقەلىرى ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا %16 ئازايغان.

مەزكۇر دوكلاتقا قارىغاندا 2017-يىلى پاكىستاندا 24 ئادەم بومبا ھۇجۇمى بولۇپ جەمئىي 370 تېررورلۇق ۋەقەسى مەيدانغا كەلگەن ۋە بۇ ھۇجۇملاردا 815 ئادەم جېنىدىن ئايرىلىپ 736 ئادەم يارىلانغان. 2016-يىلى  بولسا 441 تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ 908 ئادەم يارىلانغان.

پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەممىدىن بەك پاكىستاندىكى تالىباننىڭ تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ %58نىڭ پاكىستاندىكى تالىبان تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ رايوندا نوپۇز تىكلەشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، تەشكىلاتنىڭ بۇلتۇر مەيدانغا كەلگەن 8 تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى ۋە بۇ ھۇجۇملاردا 153 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىنىستېتۇتنىڭ دوكلاتىدا ھىندىستان، ئىران ۋە ئافغانىستاندىن پاكىستان زېمىنلىرىغا قارىتىلغان چېگرادىن ھالقىغان ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ۋە 177 ھۇجۇمدا 188 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر