ئامېرىكىدا «پەلەستىنلىك جەسۇر قىز»نى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ۋە پەلەستىننى قوللايدىغان ئامېرىكىلىقلاردىن تەشكىل تاپقان يۈزلىگەن كىشى تەمىمىنى قوللاش ئۈچۈن «Grand Central Terminal» دا توپلاشتى.

882849
ئامېرىكىدا «پەلەستىنلىك جەسۇر قىز»نى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۈزلىگەن ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلار پەلەستىننى قوللايدىغان ئامېرىكىلىقلار «پەلەستىنلىك جەسۇر قىز» دەپ نام ئالغان تەمىمىنى قوللاش مەقسىتىدە، ئامېرىكا ۋە نىيۇيوركنىڭ ئەڭ مۇھىم جايلىرىدىن بىرسى بولغان «Grand Central Terminal» دا نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا «ئەھمەد تەمىمى قويۇپ بېرىلسۇن!»، «ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلىۋاتقان ياردەملىرى توختىتىلسۇن!»، «ئەھمەد تەمىمى ۋە باشقا بارلىق سىياسىي مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلسۇن!»، «پەلەستىنلىك ئۆسمۈرلەرنى تۇتۇپ كېتىشنى توختۇتۇڭلار!»، «قۇددۇس پەلەستىننىڭ پايتەختىدۇر!» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەتلىرىگە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

قاتناشقۇچىلار «تەمىمىگە ئەركىنلىك»، «پەلەستىنگە ئازادلىق» دېگەن شوئالارنى توۋلاپ، نامايىشلىرىنى داۋملاشتۇرغاندىن كېيىن، ۋەقە تۇغدۇرماستىن تىنچ ھالدا تارقىلىپ كەتتى. 

نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار تەرىپىدىن تارقىتىلغان ۋاقچىلاردا بولسا، ئىسرائىلىيەنىڭ تەمىمىنى قانۇنسىز نازارەتتە تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى. پەلەستىنلىك جەسۇر قىزنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە ئىلگىرى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى. 

ۋاراقچىدا يەنە، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋىجدانلىق مۇسۇلمانلارنى ۋە باشقا دىنغا مەنسۇپ كىشىلەرنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىندى. ھەممەيلەننىڭ نارازىلىقلىرىنى ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار مەسئۇللارغا، ئىسرائىلىيەنىڭ ۋاگىنگىتوندىكى ئەلچىخانىسى ۋە نىيۇيوركتىكى كونسۇلخانىسىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك پائالىيەت باشلىشى تەلەپ قىلىندى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر