رۇسىيە بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتى سۈرىيەدە نۇرغۇن جانغا زامىن بولدى

رۇسىيە بىلەن ئەسەد ئايروپىلانلىرى سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى ئىدلىبنى بومباردىمان قىلدى.

878305
رۇسىيە بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتى سۈرىيەدە نۇرغۇن جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى ئىدلىبكە قاراشلىق تۇرالغۇ جايلار بومباردىمان قىلىنىپ 22 ئادەم ئۆلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى ئىدلىب ۋىلاىيىتىنىڭ خان شەيخۇن ناھىيەسى تەمانىيە ۋە بىداما رايونى بىلەن سىرمان، مۇشەيرىپە، سىكېيقات، بابۇلىيىن، خان ئەس سۇبۇل، دارۇسسالام، مار سۇرىن، سىھيان ۋە ئۇم جەلال يېزىلىرى بولۇپ نۇرغۇن جاي بومباردىمان قىلىنغان.

ئىدلىب خەلق مۇداپىئە مەركىزى مۇدىرى مۇستاپا ھاجى يۇسۇپ بومباردىمان نەتىجىسىدە سىرمان، مۇشەيرىپە، سىكېيقات ۋە بابۇلىين يېزىلىرىدا 13، تەمانىيە رايونىدا 4، ئۇم جالال ۋە سىھيان يېزىلىرىدا 5 بولۇپ جەمئىي 22 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇسۇپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەدكە تەۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئەتىگەندىن باشلاپ تۇرالغۇ رايونلارنى بومباردىمان قىلدى، تەمانىيەدىلا 10دىن ئارتۇق ئايروپىلان 150دەك بومبا تاشلىدى. شۇنداقلا بومباردىماندا خەلقئارا قانۇندا ئىشلىتىلىشى چەكلەنگەن ۋاكۇم بومبىلىرىمۇ تاشلاندى.»

ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان يۇسۇپ، خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ رايوندا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر