ئامېرىكا سومالىنىڭ جەنۇبىنى بومباردىمان قىلدى
ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى سومالىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى بومباردىمان قىلدى.
876833
![ئامېرىكا سومالىنىڭ جەنۇبىنى بومباردىمان قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/cb72/f55b/0727/5a34be3d125a7.jpg?time=1718534461)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ سومالىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكىنىڭ ئافرىقا ھەربىي قوماندانلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كىسمايو رايونىنىڭ تەخمىنەن 50 كىلومېتىر غەربىي شىمالىغا يەكشەنبە ئەتىگەن قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئەش-شەبابنىڭ 13 ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
باياناتتا، ھۇجۇم قىلىنغان رايوندا ئاھالە يوقلىقى ئەسكەرتىلدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بۇ يىل سومالىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن 34 قېتىم ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.