لوندون ئامېرىكىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا سەھنە بولدى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

874502
لوندون ئامېرىكىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا سەھنە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

مەركىزى لوندوندا بولغان « ئەنگلىيەدىكى پەلەستىن مۇنبىرى»ناملىق ئاممىۋى تەشكىلات تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشقا ئەنگلىيەدە پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن تىنچلىق ۋە  ئادالەت سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى تەشكىللەپ كەلگەن پائالىيەتلەرچىمۇ قاتناشتى. نامايىشچىلار لوندوندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلدى.

30ئادەم قاتناشقان نامايىشتا ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ ئامېرىكىنىڭ پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ قۇددۇس توغرۇلۇق بەرگەن باياناتلىرى سەۋەبلىك تەنقىدلەندى.

نامايىشتا ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا زىت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكىغا بېسىم قىلىشقا چاقىرىلدى.

نامايىش ئەسناسىدا پەلەستىن بايراقلىرىدىن سىرت «قۇددۇس پەلەستىننىڭ پايتەختىدۇر»دېگەن مەزمۇندا خەت يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلار ئىنگىلىزچە ۋە ئەرەبچە «چاڭگىلىڭلارنى قۇددۇسقا ئۇزاتماڭلار» ۋە «پەلەستىنگە ئەركىنلىك»دېگەندەك شوئارلار توۋلاشتى.

بۇنڭىدىن تاشقىرى لوندوننىڭ مەشھۇر تىراپالگار مەيدانىغا يىغىلغان بىر تۈركۈم كىشىمۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ زىندانلىرىدا يېتىۋاتقان پەلەسىنلىكلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر