خىتاي خەلقئارانى ئاراكان ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنى قوللاشقا چاقىردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇەنيىڭ خەلقئارانى ئاراكان كىرىزىسىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنى قوللاشقا چاقىردى.

873132
خىتاي خەلقئارانى ئاراكان ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنى قوللاشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاراكان كىرزىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنى قوللاشقا چاقىردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ،  بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىرما دوكلاتچىسى ياڭخې لېنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا جەمئىيەت مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشىنىڭ ئورنىغا باڭلادىش بىلەن بىرما ئارىسىدا مەسىلىنىڭ دىيالوگ يولى ئارقىلىق  ئېلىپ بېرىلىشىنى قوللىشى لازىم.»

خىتاينىڭ مەسىلىنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەت ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەل قىلىنىشىنى ياقلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن خۇا چۇنيىڭ، ھەر ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن مەسىلىنىڭ دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق ئاستىدا ھەل قىلىنىشىنىڭ يېگانە چارە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئاراكاننىڭ ئېتنىك، دىنى ۋە تارىخىي جەھەتلەردىن بىرماغا يېقىن ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئاراكان مەسىلىسىنىڭ بىرمانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان باياناتچى خۇا چۈەنيىڭ، خىتاينىڭ قوشنا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرمانىڭ سىياسىي  جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى،  ئىقتىسادىي  جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ب د ت  نىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىرما دوكلاتچىسى لې، ئاراكان بولۇپ بىرما مىقىياسىدا يۈز بەرگەن بارلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە كېلەر ئاي بىرماغا بېرىش ئۈچۈن بىرما دائىرىلىرىدىن رۇخسەت تەلەپ قىلغانلىقىنى بىراق بىرما ھۆكۈمىتىدىن رەت ئۇچۇرى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر