پەلەستىندىكى نامايىشلاردا يەنە نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى

غەززە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە قۇددۇس قاتارلىق پەلەستىننىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا نۇرغۇن پەلەستىنلىك يارىلاندى.

869846
پەلەستىندىكى نامايىشلاردا يەنە نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇس بىلەن غەززەدە ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن پەلەستىنلىكلەرگە قاتتىق قوللۇق قىلىشى نەتىجىسىدە 13 پەلەستىنلىك يارىلاندى.

نامايىشتا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان قۇددۇس ئائىلىلەر كومىتېتى باشلىقى ئەمجەد ئابۇ ئەسەب، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ سەلاھاددىن كوچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا بالىلار بولۇپ 5 پەلەستىنلىكنىڭمۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن قىزىل ئاي ساخاۋەت جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئاۋاز بومبىلىرى ئېتىپ پەلەستىنلىك 8 نامايىشچىنى يارىلاندۇرغان ۋە يارىدارلار بالىنىستقا ئېلىنغان.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، غەززەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىپ 5 ئادەمنى يارىلاندۇرغان.

غەززەدە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىك نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتكەندىن سىرت ھەققىي ۋە پىلاستىك ئوق ئاتقان، نامايىشچىلار بولسا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە تاش ئېتىپ جاۋاب قايتۇرغان.

غەززە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە قۇددۇس قاتارلىق پەلەستىننىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا ئىسرائىلىيە ساقچى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن پەلەستىنلىكلەرنى باستۇرۇشى ۋە ئۆتكەن ھەپتە غەززەنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە  8 پەلەستىنلىك شېھىت بولدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى سەۋەبلىك مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردە نۇرغۇن پەلەستىنلىك ھەقىقىي ۋە پىلاستىك ئوقلار بىلەن يارىلانغان بولسا، يۈزلەرچە پەلەستىنلىك گاز بومبىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر