پۇتىنغا ئالتۇن مېدال مۇكاپات بېرىلدى
گىرېتسىيەدىكى دېموكرىتوس ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن «رايونلۇق مۇقىملىق ۋە پاراۋانلىققا ھەسسە قوشۇش» تۆھپىسى ئۈچۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا ئالتۇن مېدال مۇكاپات بېرىلدى.
869680
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ گىرېتسىيە باش ئەلچىخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 13 – دېكابىر كۈنى گىرېتسىيە دېموكرىتوس ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن رايونلۇق مۇقىملىق ۋە پاراۋانلىققا ھەسسە قوشقانلىقى ئۈچۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا ئالتۇن مېدال مۇكاپاتى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، 1973 – يىلى قۇرۇلغان، قارمىقىدا 8 فاكۇلتېت بىلەن 19 ئالىي تېخنىكوم بار دېموكرىتوس ئۇنىۋېرسىتېتىدا 15 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىكەن.