ماكماستېر تۈركىيە ھەققىدىكى تۈنۈگۈنكى سۆزلىرىگە ئىزاھات بېرىشكە تىرىشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىگە يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

868330
ماكماستېر تۈركىيە ھەققىدىكى تۈنۈگۈنكى سۆزلىرىگە ئىزاھات بېرىشكە تىرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى باياناتچىسى گېنېرال ھېربېرت رايمونت ماكماستېر، تۈركىيە توغرىسىدىكى تۈنۈگۈنكى ئاساسسىز سۆزلىرىگە ئىزاھات بېرىشكە تىرىشتى.

ماكماستېر سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۇرىيە ۋە ئىراقتا مۇقىملىق يارىتىش ۋە ھەر تۈرلۈك تېررورلۇقنى يېڭىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىكنى داۋاملاشتۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيەنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، چەت ئەللىك غازاتچىلارنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىپ ئۆتۈشىنى توختىتىش ۋە سۈرىيەنىڭ نۇقتىلىق جايلىرىدىن دائېشنى تازىلاش ئۈچۈن ئەمەلىي مەيداندا ئۇرۇش قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىمىز» دېدى.

رايوندىكى بارلىق تەرەپلەر ئۈچۈن تېررورىزمنىڭ مالىيەسىنى ۋە زوراۋانلىققا مايىل ئاشقۇن ئىدىئولوگىيەلەرنى يوقىتىش يولىدا قىلىدىغان يەنە نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلغان باياناتچى ماكماستېر، «ئامېرىكا، بۇ جەھەتتە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇرسەتلىرىنى قولدىن بەرمەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ماكماستېر، تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوندىكى بىر يىغىندا تۈركىيەنى قارىلىغانىدى. بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «دۆلىتىمىزنىڭ ھەر تۈرلۈك تېررورىزم ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى قانداق كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەڭ ياخشى بىلىشى كېرەك بولغان بىر ئورۇندىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ماكماستېرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان دەۋالىرى ھەيران قالارلىق، ئاساسسىز ۋە قوبۇل قىلىنمايدىغان ماھىيەتتىدۇر» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر