قۇددۇستىكى قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان 14 ياشلىق ئۆسمۈر

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن دەسلەپتە قاتتىق ئۇرۇلغان، ئاندىن كۆزلىرىنى تېڭىلغان ھالدا نازارەتكە ئېلىنغان 14 ياشلىق پەلەستىنلىك ئۆسمۈرنىڭ قويۇپ بېرلىشى كۈچۈن خەلقئاراغا چاقىرىق ئېلان قىلىندى.

865733
قۇددۇستىكى قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان 14 ياشلىق ئۆسمۈر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇددۇستىكى قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان ئۆسمۈرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن چاقىرىق ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 6 - دېكابىدا قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن جىددىيچىلىكلەر جەريانىدا، 23 نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن كۆزلىرى باغلانغان ھالدا نازارەتكە ئېلىنغان 14 ياشلىق فەۋزى جۇنەيدى قۇددۇستىكى قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ سېمۋولىغا ئايلانغان ئىدى.

جۇنەيدىنىڭ تاغىسى رەشاد جۇنەيدى جىيەنىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا چاقىرىق ئېلان قىلدى.

جۇنەيدى جىيەنىنىڭ پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر جەريانىدا ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئەل خەلىلدە، قىريات ئاربا يەھۇدىي ئولتۇراق رايونى ئالدىدىكى ھەربىي تەكشۈرۈش پونكىتىغا يېقىن جايدا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنىپ، راماللاھنىڭ غەربىدىكى ئوفېر ھەربىي تۈرمىسىگە يوللانغانلىقىنى ۋە ھازىرمۇ ھەربىي تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈلدى. 

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن دەسلەپتە قاتتىق ئۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاندىن كۆزلىرىنى تېڭىلغان ھالدا نازارەتكە ئېلىنغان پەلەستىنلىك ئۆسمۈرنىڭ ئەلخەلىلدە تۇرۇشلۇق تاغىسى جۇنەيدى، چىيەنىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ كامېرا ئالدىدا سۆز قىلالمايدىغان دەرىجىدە ئېغىر كېسەل ئىكەنلىكلىرىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆزى بايانات بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

رەشاد جۇنەيدى جىيەنىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى جىددىي مۇداخىلە قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

14 ياشلىق فەۋزى جۇنەيدىنىڭ 7 پەرزەنتلىك ئائىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ۋە ئائىلىنىڭ كىرىمىنىڭ 14 ياشلىق فەۋزى جۇنەيدىگە قاراشلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن تاغىسى، جىيەنىنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپ يۈرۈپ، ئائىلسىنى بىقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. 

تاغا رەشاد جۇنەيدى: «فەۋزى ئۇقۇمىدى. ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن مەكتەپنى تاشلاشقا مەجبۇر بولدى. دادىسىنىڭ ئوڭ پۇتى سۇنغان بولغاچقا كارۋاتتىن قوپالمايدۇ. ئانىسىمۇ ساقايمادىغان  «terminal illness» ناملىق ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار» دېدى. 

فەۋزىنىڭ كۆزلىرى تېڭىلغان  ۋە 23 نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن دوشكۈشلەنگەن ھالدا نازارەتكە ئېلىنغان كۆرۈنىشىنى ئانادولۇ ئاگنېتلىقىنىڭ فوتۇ- سۈرەت مۇخبىرى ۋىسام ئەل خەشلەمۇن رەسىمغا تارتىپ، پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇشتۇرغان ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ۋەقەدىن خەۋەردار قىلغان ئىدى.

تاغا رەشاد جۇنەيدى «تەخمىنەن 50 كىشىلىك ئاسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئەلخەلىلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باب ئەززاۋىيە رايونىدا تاش ئاتقانلارنى تۇتۇش ئۈچۈن توزاق قۇردى. فەۋزى شۇ يەردىن ئۆتۇۋاتقان ۋاقتىدا ئەسكەرلەر ئۇنىڭغا ئېتىلىپ بېرىپ قاتتىق ئۆرۈشقا باشلىدى. ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى كىچچىكىنە بالىنى ئۇياقتىن بۇياققا سورەپ دومبالىدى، ھەتتا ئۈستىگە دەسسىدى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ كۆزلىرىنى تېڭىپ تۇتۇپ كېتىشنى» دېدى.   

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن 10 – دېكابىر يەكشەنبە كۈنى سىۋاستا خەلققە قىلغان خىتابىدا 14 ياشلىق فەۋزىنىڭ كۆزلىرى تېڭىلغان ھالدا نازارەتكە ئېلىنغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.                                                                                                           



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر