ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكىنى قارارىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاھىرىدە يىغىن چاقىرىپ ئامېرىكىنى قۇددۇس قارارىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

865000
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكىنى قارارىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئامېرىكىنى قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش قارارىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى پەلەستىن ۋە ئىيوردانىيەنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرىدە قۇددۇس توغرۇلۇق جىددىي يىغىن چاقىردى.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان 16 ماددىلىق خىتابنامىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇس توغرۇلۇق چىقارغان قارارى قىلچە كۈچكە ئىگە ئەمەس. ترامپ  قۇددۇس توغرۇلۇق قارار چىقىرىپ خەلقئارا قانۇن بىلەن ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىنى  ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە  قىلدى، شۇڭا بۇنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن ھىچقانداق كۈچى يوق.»

خىتابنامىدە ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىلىيە بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل دۇنياغا بىلدۈرۈپ قويغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، تىنچلىق مۇساپىسىدە مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى رول ئويناپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ بۇ رولىنىڭ قالمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە ئامېرىكا ھاكىمىيىتى قۇددۇس قارارىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىلدى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ۋاشىنگىتوننىڭ قۇددۇس قارارىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى مەزمۇن قىلىدىغان قارار چىقىرىشقا، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىمۇ شەرقىي قۇددۇسنى پايتەخت قىلغان پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر