مالايشىيادا ئەبۇ سەيياف تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشتى

ساقچى مەسئۇلى ئۆلتۈرۈلگەن تېررورچىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئەڭ خەتەرلىك تېررورچىلار تىزىملىكىدە ئىسمى بارلىقىنى ئېيتتى.

861772
مالايشىيادا ئەبۇ سەيياف تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيانىڭ ساباھ ئۆلكىسىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەبۇ سەييافنىڭ ئەزاسى فىلىپپىنلىق ئەبۇ پالىياكنىڭ ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۆلەم ئېلىش ئۈچۈن كىشىلەرنى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان جىنايەتلەرگە ئارىلاشقانلىقى بىلەن تۇنۇلغان ئەبۇ پالىياكنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئەڭ خەتەرلىك تېرورچىلار تىزىملىكىدە ئىسمى بارلىقى قەيت قىلىندى. 

ساقچى مەسئۇلى تان سىرى مۇھەممەد فۇزى ھارۇن: «ئۆلتۈرۈلگەن تېررورچىنىڭ فىلىپپىندىن مالايشىياغا قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەنلىكىنى بىلىمىز. ئۇزۇندىن بۇيان تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئەڭ خەتەرلىك تېررورچىلار تىزىملىكىدە ئىسمى بار ئىدى. ھەرىكەتلىرىمىز يەنە داۋاملىشىدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىمۇ قولغا چۈشۈرۈشكە يېقىنلاپ قالدۇق» دېدى.

مالايشىيا ۋە فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى ئاراللاردا 1991 – يىلىدىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەبۇ سەيياف تېررورلۇق تەشكىلاتى، زوراۋانلىق ۋەقىلىرى ۋە كىشىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر