پەلەسىتن خەلقى بىلەن ھەمكارلىشىش كۈنى

ماراكەش پادىشاھى 6 – مۇھەممەد پەلەسىتن مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنماسلىقىنىڭ رايون خەلقلىرىنىڭ كېلەچىكىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقىنى ئېيتتى.

858550
پەلەسىتن خەلقى بىلەن ھەمكارلىشىش كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پادىشاھ 6 – مۇھەممەد «پەلەسىتن خەلقى بىلەن خەلقئارالىق ھەمكارلىشىش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن پەلەسىتن خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئىجرائىيە كومىتېتىغا يوللىغان تېلېگراممىسىدا، تىنچلىق مۇساپىسى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مۇقىمسىزلىق ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنى پەلەسىتن – ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئىشغالىيەتكە خاتىمە بېرىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان مۇزاكىرىلەرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىىتشكە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ئىشغالىيەت بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيە مەسجىدى ئەقسانىڭ قانۇنىي ۋە تارىخىي ئورنىغا ھۆرمەت قىلىشى، قۇددۇسنىڭ مۇسۇلمانلار، ئەرەبلەر ۋە خىرىستىيانلارنىڭ كىملىكىنى ئۆزگەرتىۋېتىشنى نىشان قىلىدىغان سىياسەتلىرىگە خاتىمە بېرىشى، 1967 – يىلقى چېگرا لىنىيەلىرىنى پەلەسىتن دۆلىتىنىڭ چېگرا لىنىيەلىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەسىتن تېرروتېرىيەسىدە يەھۇدىي ئولتۇراق مەھەللىلىرى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىشى لازىم.»

پەلەسىتن مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنماي تاشلاپ قويۇلۇشىنىڭ رايون خەلقلىرىنىڭ كېلەچىكىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن پادىشاھ مۇھەممەد، بۇ مەسىلىنىڭ يەنە ئەسەبىيلىك ۋە مۇقىمسىزلىقنى ئۇزۇقلاندۇرىدىغان ئاساسلىق ئامىلغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 1977 – يىلى 29 – نويابىر كۈنى چىقارغان قارارىغا ئاساسەن پەلەسىتن مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى قوللاش مەقسىتىدە 1978 – يىلدىن بۇيان ھەر يىلى 29 – نويابىر كۈنى «پەلەسىتن خەلقى بىلەن ھەمكارلىشىش كۈنى» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر