دائېش - تالىبان توقۇنۇشى مىڭلارچە ئائىلىنىڭ ئۆي - ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى

ئافغانىستان شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىنىڭ خوگيانى ناھىيەسىدىكى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن تالىباننىڭ توقۇنۇشىدىن قاچقان 9 مىڭ ئائىلە بىخەتەر جايلارغا بېرىۋالدى.

858444
دائېش - تالىبان توقۇنۇشى مىڭلارچە ئائىلىنىڭ ئۆي - ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نانگارھار ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ خوگيانى، خوگيانى ناھىيەسىنىڭ ۋەزىر تانگى رايونىدىكى بىر قانچە كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تالىبان بىلەن دائېش توقۇنۇشىنىڭ مىڭلارچە ئائىلىنى بىخەتەر جايلارغا كۆچۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھازىرغىچە توقۇنۇشلاردا دائېشنىڭ 11، تالىباننىڭ 19 ئەزاسى بىلەن 8 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن خوگيانى، توقۇنۇشلار يۈزىسىدىن 9 مىڭ ئائىلىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ چامتالا رايونىغا كەتكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ جىددىي ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرىمۇ مەزكۇر رايوندا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 5 مىڭ ئائىلە ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر