ھىندىستاندا 120 تېلېۋىزور ئوغرىلىغان ئادەم پاش بولدى

ھىندىستاندا بىر مېھمانخانىدىن 120دىن ئارتۇق تېلېۋىزور ئوغرىلىغان ئادەم پاش بولدى.

857672
ھىندىستاندا 120 تېلېۋىزور ئوغرىلىغان ئادەم پاش بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا بىر ئادەم تۆت ئاي تۇرغان مېھمانخانىدىن 120دىن ئارتۇق تېلېۋىزور ئوغرىلىغان.

ئىمران قۇرەشى ئىسىملىك ساقچى ئەمەلدارى  ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم  بىر مېھمانخانىدا تۆت ئاي تۇرغان ۋاسۇدەۋ ناناياھ ئىسىملىك شەخسنىڭ بۇ مېھمانخانىدىن 120دىن ئارتۇق تېلېۋىزور ئوغرىلاپ پاش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇرەشى ئادەتتە چوڭ سومكىلارنى ئېلىپ ساياھەت قىلىدىغان ياسۇدەۋ ناناياھنىڭ بۇلتۇر ئۆكتەبىردە بىر مېھمانخانىدىن تېلېۋىزور ئوغرىلاپ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى كېيىنچە بىرىنىڭ كېپىل بولۇشى بىلەن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تېلېۋىزور ئوغرىلاشنى يەنە داۋاملاشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ناناياھ، ئوغرىلغان تېلېۋىزورلاردىن بىرىنى سېتىش ئەسناسىدا يەنە پاش بولۇپ قالدى.

ساقچى ئىدارىسىدا ناناياھقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن دەلىل-ئىسپات بارلىقىنى ئېيتقان قۇرەشى، سوت مەھكىمىسىنىڭ گۇماندار ناناياھنىڭ پىسخىكىلىق جەھەتتىن داۋلىنىپ داۋالانماسلىق توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر