سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ھاۋادىن زەربە بېرىلدى

ئامېرىكانىڭ مۇشۇ يىل ئىچىدە سومالىدا دائېش ۋە ئەششاباب تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى نۇرغۇن  قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە يۈزلىگەن تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

856563
سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ھاۋادىن زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئافرىفا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى سومالىدىكى دائېش تېررورچىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا، بىر دائېش تېررورچىسى ئۆلتۈرۈلدى.

ئامېرىكانىڭ ئافرىفا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ سومالىنىڭ شەرقىي شىمالىدا سائەت 15:00 تە ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «ئامېرىكا قىسىملىرى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قوغداش ۋە تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن بارلىق ھەق – ھوقۇقىنى ئىشقا سالىدۇ ۋە بارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويىدۇ» دېيىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئافرىقا ئىشخانىسى باياناتچىسى ئىدرىكا ھاررىس، ئامېرىكانىڭ بۇ يىل ئىچىدە سومالىدا دائېش ۋە ئەششاباب تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى 30 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى ھەمدە يۈزلىگەن تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتچى ئىدرىكا ھاررىس يەنە، ھازىر سومالىدا 500 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر