ھىندىستاندا ئېشەكلەر قاماققا ئېلىندى

ھىندىستاندىكى بىر تۈرمىگە يېقىن يەردە ئوتلىغان 8 ئېشەك 4 كۈن بويىچە زىنداندا تۇتۇپ تۇرۇلدى.

856725
ھىندىستاندا ئېشەكلەر قاماققا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى دېھلى (دېلھى) تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىنىڭ جالائۇن ناھىيەسىدىكى تۈرمىگە تەۋە جايدا ئوتلىغان 8 ئېشەك تۈرمە خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىندى.

تۈرمە ساقچىسى ر.ك مىشرا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «ئېشەكلەر تۈرمىگە تەۋە يەردىكى بەزى قىممەتلىك ئۆسۈملۈكلەرگە زىيان يەتكۈزدى. ئېشەكلەرنىڭ ئىگىلىرىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېشەكلىرىنى بۇ يەردىن يىراق تۇتۇشلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانىدۇق، بىراق، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى. شۇڭا ئېشەكلەر تۇتۇۋېلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بىر مەھەللىي سىياسەتچىنىڭ كۆرۈلگەن زىيانلارنى تۆلەپ بېرىشىدىن كېيىن، جالائۇن تۈرمىسىدىكى ئېشەكلەر قويۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر