سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر سەئۇدى ئەرەبىستاندا مۇھىم يىغىن چاقىردى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر سۈرىيە كىرىزىسىگە سىياسىي چارە تېپىش ئۈچۈن يىغىن چاقىردى.

854028
سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر سەئۇدى ئەرەبىستاندا مۇھىم يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا يىغىن چاقىرغان سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر سۈرىيەدە ئۆتكۈنچى دەۋرنىڭ بەششار ئەساد ھاكىمىيەتتىن ئايرىلماي تۇرۇپ ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا مۇزاكىرىلەرنىڭ بىۋاستە ۋە شەرتسىز ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ۋە ھېچكىمنىڭ شەرت قويۇش ھەققىنىڭ يوقلىقى ئەسكەرتىلدى.

خۇلاسە دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: «يىغىندا سۈرىيەدە سىياسىي چارىلەر تېپىش ئۈچۈن ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈش مەقسەت قىلىندى.»

خۇلاسە دوكلاتىدا  يەنە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سۈرىيە زېمىنلىرىنىڭ بىرلىكى، پۈتۈنلۈكى، بىخەتەرلىكى ۋە ئارزۇ قىلىنغان دۆلەت شەكلىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەشكەنلىكلىرى بىلدۈرۈلدى.

ئىشتىراكچىلارنىڭ سۈرىيەنىڭ كۆپ مىللەتلىك ۋە كۆپ مەدەنىيەتلىك دۆلەت قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەنلىكلىرى ئەسكەرتىلگەن خۇلاسە دوكلاتىدا، سىياسىي چارىلەر توغرۇلۇق مۇنۇلار قەيت قىلىندى: «ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن ھەرىكەت  قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىلىپ ئۇلارنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدا سىياسىي چارە تېپىلىشى مۇمكىن، سىياسىي تىرىشچانلىقلارنىڭ مەقسىتى پۇقرالار ئارىسىدا باراۋەرلىكنى ئاساس قىلىدىغان دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت، سۈرىيەلىكلەر ئاساسىي قانۇننى ئۆزلىرى بېكىتىشى كېرەك، بۇنىڭغا چەت كۈچلەر ئارىلاشماسلىقى لازىم، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئىرادىسىگە ئاساسەن ب د ت نازارىتىدە ئەركىن سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ رەھبەرلەرنى سايلاپ چىقىش تولىمۇ مۇمىم، بۇ سايلاملارغا ئەڭ ئاز %30 ئايال قاتنىشىشى كېرەك.»

خۇلاسە دوكلاتىدا ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى مىستۇرادىن سىياسىي خىزمەتلەرنىڭ ئاكتىپ ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش، بىرلا ئۆكتىچى ۋە ئىنقلابچى كۈچلەر ھەيئىتى بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە ھەيئەتنى شەرتسىز ھالدا بىۋاستە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىش تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر